خىتايدا 100 مىڭ ھامىلىدار ئايالنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەتكەس قىلغان جىنايى گۇرۇھ پاش قىلىندى

خىتاينىڭ 23 ئۆلكىسىنى قاپلىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە، 100 مىڭدىن ئارتۇق قان ئەۋرىشكىسىنى چېگرا سىرتىغا ئەتكەس قىلغان ۋە نەچچە مىليون دوللار قانۇنسىز پايدا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن جىنايەت گۇرۇھى پاش قىلىندى. 

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭجۇ تاموژنا ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى ھامىلە ئاياللاردىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىدىغان زور بىر جىنايى تورنى بىتچىت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئېكسپورت-ئىمپورت قىلىنىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان «ھامىلىدارلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى»نى ئەتكەس قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى چوڭ جىنايى گۇرۇھ بايقالغان.

گۇاڭجۇ، فوشەن ۋە شېنجېن شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، جىنايى تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنگە قەدەر 100 مىڭدىن ئارتۇق قان ئەۋرىشكىسىنى چەت ئەلگە ئەتكەس قىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق تەخمىنەن 4.26 مىليون دوللار قانۇنسىز پايدا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

جىنايى گۇرۇھ كاتتىباشلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆز پائالىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىجادىيەت باغچا رايونىدىن ئىشخانا ئىجارە ئالغانلىقى ۋە بۇ يەرنى بىر تاراتقۇ شىركىتى قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پۈتۈنلەي قان ئەۋرىشكىسى ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بېكىتىلگەن. نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشتە ئويۇنچۇق ۋە چاي قۇتىلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان نۇرغۇن يېڭى قان ئەۋرىشكىلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

جىنايى تەشكىلات ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «ھامىلىنىڭ جىنسىنى بېكىتىش» ۋە «ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش» نامىدا ئېلان بېرىپ، ھامىلىدار ئاياللارنى نىشانلىغان. ئاياللاردىن ھەر بىر تەكشۈرۈش ئۈچۈن 2000 دىن 3000 يۈەنگىچە ھەق ئالغان. خېرىدارلار قانۇنسىز تېببىي سۇپىلارغا ياكى تونۇش تېببىي خادىملارغا يۆتكىلىپ قان ئالدۇرغان. ئەتكەسچىلەر توشۇش جەريانىدا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قان ئەۋرىشكىلىرىنى قورساق، پۇتلىرىغا تېڭىۋالغان، ياكى قورچاقلارنىڭ ئىچىگە، چاي قۇتىلىرىغا ۋە يۈك-تاقىلارنىڭ مەخپىي بۆلەكلىرىگە يوشۇرغان.

خىتاي رېجىمى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ 23 ئۆلكىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ھەممىسىنى تەپسىلىي تىلغا ئالمىغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا قارىتا، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنى قاتتىق نازارەت قىلىش باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى سەۋەبلىك، بۇ قان ئەۋرىشكىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلدى.

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال پەقەت بىرلا بالىسى بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىنىڭ جىنسىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە ھازىر بۇ سىياسەت ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، خىتاي جەمئىيىتىدە يەنىلا ئوغۇل بالىنى ئۈستۈن كۆرۈش ۋە جىنس تاللاش ئادىتى داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 114 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2025 03:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق