
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلات بولغان، قانغا بويالغان پاختىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 26-دېكابىر 2025-يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 6 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 6 مىليون 165 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %92.8 نى ئىگىلىگەن.
2025-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا تېرىش كۆلىمى ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.9 ئېشىپ، 38 مىليون 875 مىڭ مو (تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ گېكتار)غا يەتكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارادا نۇقتىلىق دىققەت تارتقان بولۇپ، خۇسۇسەن پاختا مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»دىمۇ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان.
ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئەقىل ئامبارلىرى ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق دوكلاتلاردا بىر تۈركۈم خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلىنىشى مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ سودىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە ئامېرىكا تاموژنىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى قانۇن بويىچە توسۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە توسالغۇسىز ئېقىپ كىرمەكتە.
جۈملىدىن ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى 2023-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار «ئۇيغۇر رايونىدىن ياۋروپاغىچە بولغان كىيىم-كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
خىتاي بولسا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ جىنايىتىنى پەردازلاشقا، ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇلاردىن سىرت، خىتاي يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان شىركەتلەردىن بېسىم ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئۇلارغا خىتاي بازىرىنى تاقاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆچ ئالماقتا.
خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە تەنقىدلەرگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ مېڭىشى بۇ جىنايەتنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە قانغا بويالغان شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئىزچىل تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.