چاقماق خەەر

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى توغرۇلۇق تەپسىلىي لېكسىيە سۇندى

 

27-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى زالىدا، تونۇلغان تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قىسمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەھمۇتجان داموللامنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئېچىلىش سۆزى قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، پېداگوگ ئابدۇرېشىت نىياز قاتارلىقلارمۇ قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ لېكسىيەسى باشلاندى.

يىغىن زالى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان لېكسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 300-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغىچە بولغان 2000 نەچچە يۈز يىللىق تارىخىنى، قۇرۇلغان سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى، تۈرلۈك ئۇتۇقلىرىنى، ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلەرنى، تارىخىي ساۋاقلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دوكتور نەبىجاننىڭ لېكسىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش جەريانلىرىغا مەركەزلەشتى. ئۇ ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىشىغا ئاساسلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختىن بۇيان تۈرلۈك ئۇرۇشلاردا غالىب كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن غەلىبە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لېكسىيەدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خانىملارمۇ ئۇنىڭغا سوۋغات ھەدىيەس قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرى ئالاھىدە ئېتىبار باھا بىلەن سېتىلدى ۋە كىتابقا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە مەزكۇر بىر يۈرۈش ئەسىرىنى ئۆز ئىمزاسى بىلەن تەقدىم قىلدى.

 

 

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2025 19:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق