
خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تۈرلۈك ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ مۇستەملىكىچى پىسخىكىسى بىلەن ھەددىدىن ئېشىش قىلمىشلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىندا بىر نەچچە خىتاي ئىشچىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ پۇلىنى كۆيدۈرۈپ، مەسخىرە قىلىشى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-دېكابىر ئۆزبېكىستاننىڭ سىردەريا ۋىلايىتىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئۈچ خىتاي ئىشچى ئۆزبېكىستاننىڭ 2000 سوملۇق پۇلىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغان ۋە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكەن. خىتاي ئىشچىلار يەنە بۇنى ۋىدىيوغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ۋېچەت سۇپىسىدا تارقاتقان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىلىپ، ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. بىر قىسىم كىشىلەر ئىنكاسلىرىدا ئۇلارنى ئۆزبېكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ۋەقەگە ساقچى دائىرىلىرى دەرھال قول تىققان بولۇپ، مىللىي، ئىرقىي، دىنىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان مەزمۇنلارنى ئىشلەش ياكى تارقىتىشنى چەكلەيدىغان قانۇن ماددىلىرىغا ئاساسەن، خىتاي ئىشچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشىغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇلغان. خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھەربىرىگە 41 مىليون 200 مىڭ سوم (تەخمىنەن 3400 ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت توختاملىرىنى بىكار قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر ئۈچ خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئۆزبېكىستان خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغان سىنمۇ تارقىتىلغان.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى، زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا قىرغىزىستاننىڭ چۈي رايونىدا قىرغىز ۋە خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك جېدەل يۈز بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى. بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات قوزغالغانىدى.
سېنتەبىر ئېيىدا تارقالغان بىر سىندىمۇ قازاقىستاننىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى خىتايلارنىڭ بىر قازاقىستان ساقچىسى بىلەن تاكاللىشىپ، ئۇنىڭغا توختىماي ھەيۋە قىلغانلىقى، ھەتتا بەش-ئالتە خىتاي بىرلىشىپ، قازاق ساقچىنى ئۇرۇشقا باشلىغانلىقى، ساقچى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قازاقىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.