
پاناما قانىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان ئارايخان شەھىرىدىكى 20 نەچچە يىللىق خىتاي-پاناما دوستلۇق خاتىرە مۇنارى ۋە خىتاي-پاناما باغچىسى 27-دېكابىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چېقىپ تاشلانغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي-پاناما دوستلۇق خاتىرە مۇنارى خىتاي ئىشچىلارنىڭ پاناماغا قەدەم باسقانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي-پاناما دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە، 2004-يىلى ياسالغانىكەن. شەھەر باشلىقى ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دوستلۇق مۇنارى ۋە باغچىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزۇلغانلىقتىن بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تۇيۇقسىز قارار خىتاي رېجىمىنىڭ ۋە پانامادىكى خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ھالبۇكى، پاناما پىرېزىدېنتى ئارايخان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ، بۇ خاتىرە مۇنارىنى چېقىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەسلىدىكى ئورنىدا دەرھال قايتىدىن ياساپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەپتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، پانامادىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي-پاناما دوستلۇق خاتىرە مۇنارىنى چېقىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، پاناما پىرېزىدېنتنىڭ قايتا ياساش بۇيرۇقىغا دىققەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ پاناما تەرەپتىن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.
پاناما قانىلى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىل مەسىلىگە ئايلانماقتا. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي خىتاينىڭ پاناما قانىلىدا ھەددىدىن زىيادە ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ پاناماغا مەخسۇس زىيارەتكە بېرىپ، ئەركىن پاناما قانىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بۇلاردىن سىرت، پاناما پىرېزىدېنتى بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.