خىتاي رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي نۆۋەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەردىن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەندە، كەم دېگەندە %50 خىتايدا ئىشلەنگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى مەخسۇس خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇيرۇق تېخى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر نەچچە كىشى مەنبە كۆرسىتىلگەن. يېقىنقى ئايلاردا يېڭى زاۋۇت قۇرۇش ياكى زاۋۇتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دۆلەت تەستىقىنى ئالماقچى بولغان ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەم دېگەندە يېرىمىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەنبە شەخسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ نىسبەتنىڭ %50 تىنمۇ يۇقىرى بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئاخىردا زاۋۇتلارنىڭ %100 خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى ئىچكى جەھەتتىن ئىجرا قىلىنغاچقا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان. خىتاي سانائەت مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خەۋەردە ئىلگىرى خىتايدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكى، خىتاي شىركەتلىرىگە پۇرسەت كەلمىگەنلىكى، لېكىن بۇ ئەھۋال 2023-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىدىن باشلاپ ئۆزگەرگەنلىكى، خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ يەرلىك تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باشقا ئامالى قالمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى يەنە ئۆزەك تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، نەچچە يۈز مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇ بىر قاتار رادىكال تەدبىرلەر سەۋەبلىك، چەت ئەللىك تەمىنلىگۈچىلەر بارا-بارا خىتاي بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان.

نۆۋەتتە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىر قىسىم مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلىشى نەتىجىسىدە، خىتايغا قاراتقان ئۆزەك چەكلىمىسىمۇ ئاستا-ئاستا بوشىتىلىشقا باشلىغان. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى كەلگۈسى 18 ئاي ئىچىدە خىتاي ئۆزەكلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى قارار قىلغاندىن سىرت، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ NVIDIA شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەستىقلانغان خېرىدارلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك H200 سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىنى ئېكسپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 149 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2025 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق