
فېيسبۇك، ئىنستىگرام، ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل شىركىتى Manus نى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ سودىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر سودىنىڭ قىممىتى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئون كۈن ئىچىدە تېزلا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 2022-يىلى خىتايدا قۇرۇلغان Manus شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى Manus نى ئېلان قىلغان ۋە تېز سۈرئەتتە ئابۇنت توپلىغان.
مېتا شىركىتى بۇ قېتىملىق سودىدا خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ Manus شىركىتىدىكى بارلىق پېيىنى سېتىۋالغانلىقىنى، نۆۋەتتە Manus نىڭ خىتايدا ھېچقانداق پاي ئىگىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەتلەر خىتاي ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئانالىزچىلار بۇ قېتىملىق سودىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشى، قاراپ چىقىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
مېتا شىركىتى دۈشەنبىدىكى بىر باياناتىدا Manus نىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىنى ۋە سودىلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تېخنىكىلىرىنى ئۆز تېخنىكىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.