ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزلىرى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى خېئى سېكى تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئۆزگىچە سۆزلىرى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە قاتتىق بىئارام قىلدى.

خېئى سېكى 31-دېكابىر X ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، يېقىندا تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئويى بارلىقىنى، بۇ زىيارەتنىڭ بىرىنچى مەقسىتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ۋە ياپونىيە بىلەن تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىدىكى مۇمكىنچىلىكىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر مەقسىتى بولسا ئۆزىگە ئوخشاش خىتاي رېجىمىنىڭ «قارا تىزىملىكى»گە كىرگەن بىر سىياسىيوننىڭ تەيۋەن تەۋەلىكىگە كىرەلىشىدەك بىر ھەرىكەت ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خېئى سېكى خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، 2007-يىلى ياپونىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتكەن، بۇ يىل 7-ئايدىكى سايلامدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئۇنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە خىتايدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خېئى سېكى ئىزچىل تەرىقىدە ياپونىيەنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغداشنى باش پىرىنسىپ قىلغان بولۇپ، سېنكاكۇ ئارىلى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىدىكى تۈپكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇ يەنە يېقىندا ياپونىيە باش ۋەزىرىگە تەھدىت ئارىلاش ھاقارەت قىلغان خىتاي كونسۇلىنى ياپونىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭ تۈنۈگۈن  Xھېسابىدا ئېلان قىلغان مەنتىقلىق بايانلىرى خىتاينى قاتتىق ئوسال قىلدى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن توكيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنلارنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلغان ھالدا: «بۇ خىل شەرمەندىلەرنىڭ يىرگىنىشلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئەرزىمەيدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرى سەۋەبلىك باشلانغان خىتاي-ياپونىيە دىپلوماتىك كىرىزىسى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماي ئۆز مەيدانىنى مۇستەھكەم تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1693 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2026 19:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق