تەيۋەن: تىنچلىق كۈچ بىلەن قولغا كېلىدۇ

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى «ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى» كىرىزىسى ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن بىر ھەپتە بولۇپ، خىتاي تەيۋەننى رەسمىي مۇھاسىرىگە ئېلىش خاراكتېرلىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. تەيۋەن رەھبىرى بولسا خىتايغا ئېنىق ئۇچۇر يوللىدى.

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەننىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزگەن، ئاتالمىش «ئادالەت ۋەزىپىسى 2025» دەپ نام بېرىلگەن مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 11.1 مىليارد دوللارلىق رېكورت خاراكتېرلىك قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن 11 كۈن كېيىن باشلانغانىدى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 2026-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە: «تەيۋەننىڭ كۈتۈپ تۇرۇشقا ۋە ئىچكى جېدەل-ماجىرالارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى يوق» دېدى. ئۇ خىتاي تەھدىتىنىڭ پارتىيەلەردىن ھالقىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى بولمىسا، نە دۆلەتتىن، نە مۇنازىرە قىلىدىغان زېمىندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ بارلىق پۇقرالار ئورتاقلاشقان، پارتىيەلەردىن ھالقىغان بىر ئورتاق تونۇش بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

تەيۋەن رەھبىرى يەنە: «بىز تىنچلىق غايىلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، ئەمما خىيالغىمۇ بېرىلىپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ بېيجىڭغا ئېنىق ئۇچۇر يوللاپ: «تىنچلىق پەقەت كۈچ بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. تىنچلىقنى پەقەت بىر تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ياكى تاجاۋۇزچىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ» دېدى ۋە تەيۋەننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 103 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2026 21:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق