
ياپونىيە يېڭى مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ، تۈركىيەدىن سېتىۋالىدىغان 640 مىليون دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوشۇنى بىلەن ئۆز قىرغاقلىرىنى قوغداشنى پىلانلىماقتا. ياپونىيە خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە تەيۋەن ئەتراپىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتكە قارىتا، قىرغاق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى بىر مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشقا سالماقتا.
مۇداپىئە ۋازارىتى «SHIELD» (ماس قەدەم، ئارىلاشما، بىر گەۋدىلەشكەن ۋە كۈچەيتىلگەن قىرغاق مۇداپىئەسى) دەپ نام بېرىلگەن ئەتراپلىق تۈردە، ئادەمسىز سىستېمىلاردىن تەشكىل تاپقان كۆپ قاتلاملىق بىر قىرغاق مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا. مۇداپىئە ۋازارىتى ئېلان قىلغان پىلانغا ئاساسەن، ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دېڭىز ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئادەمسىز سۇپىلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، 20 كىلومېتىردىن 30 كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرىنى قاپلايدىغان بىر «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېپىلى» بەرپا قىلىنىدىكەن. يېڭى سىستېما پاراخوتلاردىن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغىچە، قۇرۇقلۇققا چىقىش قىسىملىرىدىن تارتىپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە تۈركىيەنىڭ بايكار ۋە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان. Bayraktar TB قىسقا ئارىلىقتىكى ئۇچۇش-قونۇش يولى بار پاراخوتلارغا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، دېڭىز مۇداپىئەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. تۈركىيەدىن ئېلىنىدىغان تېخنىكا پەقەت ئايروپىلانلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە دېڭىز ئۈستى ئادەمسىز پاراخوتلىرى ۋە قىرغاق مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «SHIELD» سىستېمىسى خىتاينىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنى تېخى قىرغاققا يېقىنلاشمايلا توسۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. يەنى، بىرىنچى قاتلامدا ئۇزۇن مۇساپىلىك رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى خىتاي پاراخوتلىرىنى ئالدىن بايقايدىكەن. ئىككىنچى قاتلامدا 30-20 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە ئۆزىنى پارتلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار توپ-توپى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ رادار ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى پالەچ قىلىدىكەن. ئۈچىنچى قاتلامدا سۈنئىي ئەقىل بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئادەمسىز دېڭىز ئاستى ئۈسكۈنىلىرى بۇ مۇداپىئە سېپىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ پۇختا قىسمى بولۇپ، دۈشمەننىڭ بارلىق توسالغۇلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، قىرغاققا ئەڭ يېقىن كەلگەن ۋاقتىدىكى سۇ ئاستى ۋە يېقىن ئارىلىق مۇداپىئەسىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئەگەر خىتاي پاراخوتلىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاتلامدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ قالسا، ئۈچىنچى قاتلامدىكى سۇ ئاستى مىنالىرى ۋە تېز سۈرئەتلىك ئادەمسىز پاراخوتلار ئۇلارنى قىرغاققا 10-5 كىلومېتىر قالغاندا يوقىتىدىكەن.
ياپونىيە بۇ تۈر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئاراللارنى «سىڭىپ كىرگىلى بولمايدىغان قورغان»غا ئايلاندۇرماقچىكەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئەزەربەيجاندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياپونىيەنىڭ تۈركىيەنى تاللىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بولغان.
خىتاي تەرەپ بۇ ھەمكارلىققا قارىتا: «ئۈچىنچى تەرەپنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىگە ئارىلىشىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ» دەپ چالۋاقىغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

![]()
