
يېقىنقى يىللاردا خىتاي جاسۇسلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئارقىمۇ ئارقا پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالدى.
1-يانۋار تۈركىيە ياشلىق ۋەقفىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا غەززەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەزكۇر نامايىشقا خىتاي جاسۇسلىرىمۇ سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بىرگە نامايىشقا قاتناشقان ئىككى خىتاينىڭ ۋېچەت ئەپ دېتالى ئارقىلىق نامايىشنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە قىسقا يازمىلارنى يوللىشى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنغان.
تارقالغان ئىككى سىننىڭ بىرىدە ۋېچەت ھېسابىغا «چېڭ سىفېي» دەپ يېزىلغان خىتاي نامايىشنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، «ئىسرائىلىيە موسادنىڭ تۈركىيەدە نۇقتىلىق تازىلىنىشىغا ئۇزۇن قالماپتۇ» دەپ يازغان. يەنە بىر سىندا بولسا مەزكۇر خىتاي نامايىشچىلار ئارىسىدا لەپىلدەپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى سۈرەتكە تارتىپ، ۋېچەتكە چىقىرىپ، سۈرەتنىڭ ئاستىغا «نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ، قاراڭلار، پەلەستىن – خاماسنى قوللاۋاتقانلار ئوخشاشلا...» دەپ يازغان. مەزكۇر سىننىڭ ئاخىرى يوق بولۇپ، سۈرەتكە ئاساسەن «...ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستانچىلارنى قوللايدۇ» دەپ يازماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن.
سىنغا ئالغا تۈركمۇ ئۆزىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنى بايقاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەزكۇر سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىلىپ، تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. بەزى تورداشلار خىتايغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغاچقا، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
خىتاينىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا مەلۇمات تەمىنلەش، ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ سەۋەبلىك، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەزالىرى ئەڭ كۆپ جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ھەربىر خىتاي پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق خاراكتېرىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى بۇلتۇر ماي ئېيىدا ئىجرا قىلغان زور كۆلەملىك بىر ھەرىكەتتە يەتتە خىتاي جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرگەنىدى. نەتىجىدە مەزكۇر خىتايلارنىڭ ساختا بازا پونكىتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە دۆلەت خادىملىرىنى، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئورنى، ئالاقىلاشقان كىشىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يوللىغانلىقى پاش قىلىنغانىدى.