
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى قامچىبېك تاشىيوف ئالدىنى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، قىرغىزچە سۆزلىيەلمىگەن خىتاي شىركىتى ۋەكىلىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستاندا يول قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار بىر يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى قامچىبېك تاشىيوف شىركەت ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن ھەرقايسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىن جەريانىدا قامچىبېك تاشىيوف خىتاي يول قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ ۋەكىلىنى چاقىرغاندا، خىتاي ۋەكىل ئۇنىڭغا رۇسچە جاۋاب قايتۇرغان. يىغىن جەريانىدا باشتىن-ئاخىر قىرغىزچە سۆزلىگەن قامچىبېك تاشىيوف بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىرغىزچە بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان، خىتاي ۋەكىلى پەقەت رۇسچە بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تاشىيوف رۇسچە كەسكىن تەلەپپۇزدا: «نېمىشقا ھازىرغىچە قىرغىزچە ئۆگەنمىدىڭ؟» دەپ سورىغان ۋە «خىتاي يول قۇرۇلۇشى شىركىتى قىرغىزىستاندا ئىش قىلىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ 20 نەچچە يىل! شۇنداق تۇرۇپ تېخىچە قىرغىزچە بىلمەمسەن؟ ئۆگەنگىن!» دېگەن. ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان خىتاي ۋەكىلى «ماقۇل» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇ قىسقا دىيالوگ ئەمەلىيەتتە تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ۋە ئاتالمىش «دوستلۇقنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» ئىبارىلىرى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى پەردازلاپ كەلگەن خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى، يەنى خىتايلارنىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى، خەلقلىرىنى قىلچە ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىنى، بەلكى كەمسىتىدىغانلىقىنى مەلۇم نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستاندا بىر نەچچە خىتاي ئىشچىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ پۇلىنى كۆيدۈرۈپ، تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، مەسخىرە قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.