خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» تەشكىللىشى ئۆز جىنايىتىنى پاش قىلدى

 

خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار»دىن تەشكىل تاپقان 42 كىشىلىك «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» 4-يانۋار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان. گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي يىللاردىن بۇيان جار سېلىپ كېلىۋاتقان «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىن چىقىپ-كىرەلەيدىغانلىقى» ساختىپەزلىكىنى ئەمەلىي ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 42 نەپەر ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىر»دىن تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى تەشكىللەنگەنلىكى ۋە 4-يانۋار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە تۇغقان يوقلاش ئۆمىكىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى «خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى» دېگەن باھانە بىلەن پەردازلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆمەككە قاتناشقان ئۇيغۇرلار «ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ تەرەققىياتلىرىدىن ھەيران قالغانلىقى، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ھەرقايسى يۇرتلارنى ساياھەت قىلىدىغانلىقى ۋە تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆز يۇرتىدىكى تەرەققىياتلارنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىشقان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش مەقسەت قىلىنغان بۇ قېتىملىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشى، خۇسۇسەن تۇغقان يوقلىشى ئەقەللىي بىر ئەركىنلىك ھېسابلىنىدىغان بۇ دەۋردە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ تۇغقان يوقلاتقۇزۇشى، يەنە كېلىپ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئورگانلىرىنىڭ قول تىقىشى بىلەن تەشكىللىنىشى بۇ پىلانلىق ھەرىكەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ۋە شۇنداقلا خىتاي رېجىمى ئۇزۇندىن بۇيان جار سېلىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىن، خالىغانچە كىرىش-چىقىش» سەپسەتىسىنىڭ يالغانلىقىنى پاش قىلماقتا.

بۇ قېتىملىق زىيارەت يەنە خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئىجرا قىلىنغان پىلانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 8-ئايدا خىتاي باش كونسۇلخانىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈركىيەدە ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاشقا تەشكىللەش، بالىلار ئۈچۈن خىتاي تىلى كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ پىلانلارغا ئاساسەن، ئالدىنقى ئايدا ئىستانبۇلدا 3-نۆۋەتلىك ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىلىشقا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 گە يېقىن كىشى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە ماسلاشقانىدى.

 

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2026 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق