ياپونىيەدە خىتايلارغا قارشى ھۇجۇملار كۆپەيمەكتە

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس ئىجتىمائىي كەيپىياتقىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان خىتايلارنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 3-يانۋار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ياپونىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا خىتايلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، خىتايلارنى ئۇرۇش، تىللاش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ياپونىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇقتۇرۇشتا خىتايلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شىنجۇكۇ رايونىدا 31-دېكابىر يۈز بەرگەن ماشىنا بىلەن ئادەم سوقۇش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ، ۋەقەدە ئىككى خىتاينىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ياپونىيەدىن ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى بايانلىرى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قاتتىق يىرىكلەشتۈرگەندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدىمۇ ياپونىيەگە قارشى ئۆچمەنلىك ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ كوچىدا يىغىلىپ، ياپونىيە بايرىقىنى يىرتىپ، كۆيدۈرۈپ ھاقارەت قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۆچمەنلىك تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك، خىتايدىكى ياپونىيە پۇقرالىرىغا قارشى ھۇجۇم ۋەقەلىرى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، 2024-يىلى سېنتەبىردە خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ياپونىيەلىك 10 ياشلىق بىر بالا ياپونىيەلىكلەر مەكتىپى سىرتىدا 44 ياشلىق بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بۇ ۋەقەنى مەخسۇس سۈرۈشتە قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 301 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2026 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق