خىتاي ئەلچىخانىسى «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى»نى قانداق تەشكىللىدى؟

 

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار»دىن تەشكىل تاپقان 42 كىشىلىك «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» 4-يانۋار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى پاش قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىشنى خالىسا، ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ۋە كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنى ياخشى تونۇپ يەتكەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ تەلەپكە پەرۋا قىلمىغان ياكى رەت قىلغان. ھالبۇكى، 90 غا يېقىن ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ، قايتىش ئىلتىماسى سۇنغان. ئەمما پەقەت 42 كىشىنىڭلا ئىلتىماسى تەستىقلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى»دىكى ئۇيغۇرلارغا بىر كېلىشىم ئىمزالاتقان. كېلىشىمدە «شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق زۇلۇم يوق ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ باي-باياشات، تىنچ، گۈللەنگەن بىر جەمئىيەتتە ياشاتقانلىقى»دەك ساختا ۋەزىيەتنى تەستىقلاش، باشقىلارغىمۇ شۇنداق چۈشەندۈرۈش ھەققىدە ئەھدە بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق پىلانلىق تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى تەشكىللەش ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. گەرچە بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتاينىڭ تۈرلۈك شەرتلىرىگە قوشۇلۇش بەدىلىگە، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىزچىل چىقىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىم 42 ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە تولۇق ماسلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئوچۇق-ئاشكارا ھەسسە قوشۇشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

خىتاي بۇ قېتىملىق «تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» تەشكىللەش ساختا تەشۋىقاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ئىكەنلىكىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت تاللانغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئېغىر شەرتلەر ۋە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن «جەم بولغانلىقى»دەك بىر زۇلمەتلىك يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ بەردى.

 

 

بۇ خەۋەر 258 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2026 20:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق