ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن

بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش پاجىئەسىگە ئالاقىدار نارازىلىقلارنى ھەمبەھرىلىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر قىز كامىلە ۋاھىتنىڭ ناھەق جازا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 6-يانۋار X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خېنەن ئۆلكىسىدىكى شاڭجۇ تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى، 2022-يىلى 12-ئايدا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كامىلە ۋاھىتنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن.

ئەينى ۋاقىتتا كامىلە ۋاھىت 19 ياشتا بولۇپ، 2022-يىلى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىر ئاھالىلەر بىناسىدا يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ قۇتقۇزۇشنى قەستەن كېچىكتۈرۈشى سەۋەبلىك 50 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوت پاجىئەسىگە ئالاقىدار نارازىلىقلارنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ھەمبەھرىلىگەن. ئۇ قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقاندا خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، «رادىكاللىقنى تەشۋىق قىلىش» باھانىسى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر كامىلە ۋاھىتنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغانىدى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى بىر ئۆمۈر «قارا تىزىملىك»كە تىقىش، نازارەت قىلىش، تەكرار باستۇرۇشتەك ۋەھشىيانە ئادىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، كامىلە ۋاھىتنىڭ كېيىنكى تەقدىرى يەنىلا خەتەر ۋە مۈجمەللىك ئىچىدە تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 242 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2026 21:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق