تۈركىيە خىتاينىڭ تور سودا سۇپىلىرىغا زەربە ھېسابلىنىدىغان قارار ئېلان قىلدى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى كەچۈرۈمىگە ئالاقىدار يېڭى نىزام ئېلان قىلغان بولۇپ، TEMU, SHEIN  ۋە Alibaba قاتارلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2026-يىلى 6-يانۋار خەلقئارالىق سودا-سېتىقلارنىڭ تاموژنا باج نىزامى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. يېڭى نىزامدا باج نىسبىتى ئۆستۈرۈلگەندىن سىرت، 30 ياۋرودىن تۆۋەن زاكازلاردىن تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىمۇ ئاخىرلاشقان.

بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدىن كىرگەن ھەرقانداق مالدىن، باھاسى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇميۈزلۈك تاموژنا بېجى ئېلىنىدىكەن. مەزكۇر بەلگىلىمە ئورگان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن 30 كۈن كېيىن، يەنى 2026-يىلى 6-فېۋرالدىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.

چەت ئەلدىن كېلىدىغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى دۆلەتلەرگە قاراپ پەرقلىق بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن %30، خىتاي، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىن %60 باج ئېلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى 2024-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا چەت ئەلدىن شەخسىي ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا كەچۈرۈمىنى 150 ياۋرودىن 30 ياۋروغا چۈشۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كەچۈرۈم سىزىقىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

قانلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان ۋە نۆۋەتتە ئەرزان باھاسى ئارقىلىق پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى دېگۈدەك ئىگىلەۋاتقان Temu، Shein، Alibaba قاتارلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرىنىڭ بۇ قارارنىڭ ئەڭ زور تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئانالىزچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يېقىنقى يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى ياۋروپا ئەللىرىگە ئىمپورت قىلىنغان 4 مىليارد 600 مىليون دانە كىچىك تىپتىكى پوچتا يوللانمىسىنىڭ %91 ى Shein ،  Temu قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن خىتايدىن كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇلتۇر قىممىتى 150 ياۋرودىن ئاشمايدىغان، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان كىچىك پوسۇلكىلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بۇ خەۋەر 222 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2026 21:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق