
خىتاي سىيرەك توپا ساھەسىنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىۋاتقان، ئۇلارغا قارشى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان، شۇنداقلا ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىك كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە ئۆزگىچە قەدەم بېسىپ، چوڭقۇر دېڭىزدىن سىيرەك توپا قېزىلمىلىرى ئېچىشنى پىلانلىدى.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بۇ پىلانى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىن سىيرەك توپا قېزىش ئۈلگە تەجرىبىسى 11-يانۋاردىن تارتىپ رەسمىي قوزغىتىلىدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل دۇنيا بويىچە تۇنجى ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيەنىڭ «يەرشارى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز تەكشۈرۈش پاراخوتى مىنامىتورىشىما ئارىلى ئەتراپىدا 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدىن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى بولغان لاي-لاتقىلارنى قېزىپ ئېلىپ، بۇلاردىن ئاز ئۇچرايدىغان مۇھىم ئېلېمنتلارنى ئايرىپ چىقىدىكەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىنامىتورىشىما ئارىلى ئەتراپىدىكى چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا تەخمىنەن 16 مىليون توننا سىيرەك توپا بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ سىيرەك توپا زاپىسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئېلېمېنتلاردىن بولغان دىسپروزىي ۋە ئىتترىينىڭ زاپىسى 700 نەچچە يىل ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەگەر ياپونىيە مىنامىتورىشىما ئارىلى ئەتراپىدىكى سىيرەك توپا بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قېزىپ چىقالىسا، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى، خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتىن زور دەرىجىدە ساقلىنالايدىغانلىقىنى، بۇ يەنە تاكائېچى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن بىر ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدا خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقىنى كوزىر سۈپىتىدە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈشكە، تەھدىت سېلىشقا ئىشلىتىشى دۇنيانى چۆچۈتكەن بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزەك، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا مۇھىم ئىشلەپچىقىرىشلاردا زۆرۈر بولغان سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىدا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. جۈملىدىن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىرېمنىي قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى قوغداش ئۈچۈن «كىرېمنىي تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغانىدى.