
10-يانۋار ئىستانبۇلدا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلالمىغان مېھمانلارنىڭ تەبرىك مەكتۇبى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مۇساجان ئەر، دوكتور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىي قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئاكادېمىك ساھەگە ۋە خەلققە ئىلمىي ئەمگەكلەرنى سۇنۇش قاتارلىق كۆپلىگەن تۆھپىلىرىنى تەكىتلەشتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، بۇ مۇراسىمدىن ئۆزىنىڭمۇ كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەسلىدە بۇ تەقدىرلەشكە ئۆزىدىنمۇ بەكرەك لايىق بولغان، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بارلىق مۇراسىم ئەھلىگە ۋە خەلققە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان كەچۈرمىشىنى ۋە دەۋا ھاياتىدىكى خىزمەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.
مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ خىزمەتلىرى، تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تون كىيدۈرۈلدى.