
خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشنى، كەڭ كۆلەمدە قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يەنە يېڭىدىن خىرومىت (خىروملۇق تۆمۈر رۇدىسى) كان توپى بايقالغان.
خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىرلىشىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى سارتوقاي جەنۇبىي كان بەلبېغى قاپلىغان رايوندا خىرومىت كېنىنى تەكشۈرۈپ، سارتوقاي 27 كان توپىنى يېڭىدىن بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 20 كان گەۋدىسى دائىرىلەپ بېكىتىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىرومىت كان توپىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈپىتى %37.03 بولۇپ، مەزكۇر كان رايونىدىكى يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كان بايقىلىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا خىرومىت كانلىرى بۇرۇنلا بايقالغان بولۇپ، خىتاينى خىرومىت زاپىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نامىدا، غايەت زور خىراجەت ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبىئىي بايلىق زاپىسىنى تەكشۈرۈش، قىدىرىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ زورايتقان. تالان-تاراجنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق زاپىسى ئارقىمۇ ئارقا بايقالماقتا.