
خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە نازارەت ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە يېڭى قارار ئېلان قىلىپ، ياپونىيەگە ھەربىي-پۇقراۋى قوش ئىشلىتىشچان بۇيۇملار ۋە تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان ھەربىي-پۇقراۋى قوش ئىشلىتىشچان بۇيۇملار تىزىملىكىگە 1100 خىل بۇيۇم، ماددىلار ۋە تېخنىكىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياپونىيەگە، جۈملىدىن ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان شىركەت ۋە خېرىدارلارغا ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلىرى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي بۇ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ بىر ئاددىي سودا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تەمىنلىگۈچىلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، خىتايغا بېقىنىشتىن قۇتۇلۇش نۆۋەتتە پەقەت بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە تەرەپمۇ بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نۇقتىلىق ياپونىيەگە قارىتىلغان بۇ تەدبىرنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىش، تەھدىت سېلىش قىلمىشى يېقىنقى مەزگىلدە يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا چوڭقۇر دېڭىز تەكشۈرۈش پاراخوتى ئارقىلىق، مىنامىتورىشىما ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ئاستىدىن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى بولغان لاي-لاتقىلارنى قېزىپ ئېلىپ، بۇلاردىن ئاز ئۇچرايدىغان مۇھىم ئېلېمېنتلارنى ئايرىپ چىقىش، بۇ ساھەدە ئۆز-ئۆزىنى قامداش پىلانىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇنىڭ 11-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.