خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش جىنايىتىنى پەردازلاش ساختا تەشۋىقاتلىرى داۋاملاشماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا مېڭە يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە بۇنى تۈرلۈك سەپسەتىلەر، ساختا تەشۋىقاتلار بىلەن پەردازلاۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئالاھىدە تارقاتقان بىر قىسقا سىن بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر سىندا خوتەندىكى بىر يېزا يولىدا ماشىنا بىلەن كېتىۋاتقان بىر خىتاي يول بويىدا كېتىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش «پىيونېر سالىمى» بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۇلاردىن نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغان. ئۇيغۇر بالىلار ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى خىتاي بايرىقىنى كۆرگەچكە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاي بۇنى كىم ئۆگەتكەنلىكىنى سورىغاندا، بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ شۇنداق ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتىشقان.

سىندا يەنە ئۇيغۇر بالىلار خىتاي بايرىقى يېنىدا سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشنى سورىغان بولۇپ، خىتاي ئۇلارنى ماشىنىسى ئۈستىگە چىقىرىپ، خىتاي بايرىقى بىلەن بىللە سۈرەتكە تارتقان. مەزكۇر سىن «خىتاي خەۋەر تورى»غا ئوخشاش خىتاينىڭ نۇقتىلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

ھالبۇكى، سىندىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك ئوقۇغۇچىلىق فورمىسى كىيىپ، پىيونېر گالىستۇكى تاقاپ، يول بويىدە توپلىشىپ، ماشىنىنى يىراقتىن ساقلاپ تۇرۇشى مەزكۇر قىسقا سىننىڭ پىلانلىق ساختا تەشۋىقات كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھەتتا سىننىڭ ئاخىرىدىمۇ مەزكۇر سىننىڭ «خىتاي تور تەرەققىيات فوندى» ۋە «خىتاي توردا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش مەخسۇس فوندى» قوللىغان تۈر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ ۋە بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نامىدىكى ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. بۇ جەرياندا مەزكۇر سىندىكىگە ئوخشاش ئالدىن پىلانلانغان ساختا كۆرۈنۈشلەرنى مەخسۇس تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 77 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2026 19:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق