ئامېرىكا ئىران بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەرگە %25 تاموژنا بېجى قويدى

ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۈچىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 12-يانۋار يېڭى قارار ئېلان قىلىپ، ئىران بىلەن سودا ئالاقىسى بار دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللىرىغا %25 تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تىرامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تاموژنا بېجىنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئاخىرقى ۋە ھەل قىلغۇچ قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئەمما «ئىران بىلەن سودا قىلىش» ئىبارىسىنىڭ كونكرېت نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىدى.

ئاق سارايمۇ تاموژنا بېجىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى، جۈملىدىن قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت ماللىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىدى. ئەمما خىتاي نۆۋەتتە ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، مەزكۇر قارارنىڭ خىتايغا نۇقتىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ يېڭى تاموژنا بېجى تەدبىرى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، تىرامپ ئەگەر تېھران دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرسە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىران پۇلى رىيالنىڭ زور دەرىجىدە قىممىتىنى يوقىتىشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئىنسان ھەقلىرى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نامايىشلاردا ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 650 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ خەۋەر 79 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2026 20:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق