قىسقا سىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق نازارەتنى ئاشكارىلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق خەلقنى كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش قىلمىشلىرى نوپۇزلۇق دوكلاتلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەت بولۇپ، تارقىلىۋاتقان بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان بىر سىن خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشو يېزىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتى يېنىدا تارتىلغان بولۇپ، سىنغا ئالغان ئۇيغۇر قىز بىر ئۇيغۇر ساقچىغا سوۋغات سۇنۇپ، ئۇنىڭ ساقچى بايرىمىنى تەبرىكلىگەن. ھالبۇكى، ئۇ قىز ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقاندا ساقچى پونكىتىدىكى بىر ئۈسكۈنە ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ئاپتوماتىك تونۇپ، «شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ! ئاممىۋى سورۇنلاردا دۆلەت ئورتاق تىلىدا (يەنى خىتايچە) پاراڭلىشىڭ!» دەپ ئارقىمۇ ئارقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئامېرىكىغا جايلاشقان تەتقىقات ئورگىنىIPVM  غا ئوخشاش ئورگانلار بۇندىن ئىلگىرى داڭلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان تېخنىكا تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ تېخنىكىلارنى كۆزىتىش كامېرالىرىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم پاش قىلغانىدى. مەزكۇر سىن بولسا خىتاينىڭ ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، كوچىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش جىنايىتىنى كۈچلۈك تەرىقىدە ئىسپاتلاپ بەردى.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى، يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا چوڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارالىق تاراتقۇلار، سىياسىيونلار شەرقىي تۈركىستاندىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى جورج ئورۋېلنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان «1984» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن تۈزۈمگە ئوخشىتىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىن بۇ قاراشلارنىڭ قىلچىمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ خەۋەر 4677 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2026 20:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق