شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى 17-يانۋار ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ 2025-يىلى روياپقا چىقارغان مائارىپ، ئىجتىمائىي ياردەم، تەشۋىقات ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

دوكلاتتىن كېيىن 2025-يىللىق خىزمەتلەر تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى. مۇساجان ئەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ 2026-يىلىدا ئىجرا قىلىدىغان بىر قىسىم پىلانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قۇرۇلۇش مەقسىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە مۇھاجىرەتتە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

يىغىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئۇبۇلقاسىم ئەھمىدى زەرەپشاننىڭ باشچىلىقىدا دۇئا قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

 

بۇ خەۋەر 136 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2026 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق