خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار 2025-يىللىق نوپۇسقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس داۋاملىق تۆۋەنلىگەن ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتى 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى خىتاي ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 404 مىليون 890 مىڭ بولۇپ، 2024-يىلىدىكىدىن 3 مىليون 390 مىڭ ئازايغان. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي نوپۇس سانى ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنلىگەن.

2025-يىلى يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 620 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 7 مىليون 920 مىڭغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورت يارىتىلغان.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت» تېررور سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، قېرىلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىدىن ئىبارەت كىرىزىس شەكىللەنگەنىدى. گەرچە خىتاي تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلغان ۋە بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈرلۈك ئېتىبار، ياردەم تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، يېتەرلىك ئۈنۈمى بولمىغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس كونترولى تېررور سىياسىتى تارىختىن بۇيان قاتتىق تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن. سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق  باشلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلەر كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلات بۇ ھەقتە كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، دوكلاتتا 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

بۇ خەۋەر 98 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2026 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق