خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى فوند تەسىس قىلىش قارارى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن، فىلىپپىن قاتارلىق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ھالقىلىق خىراجەت بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى 400 مىليون دوللارلىق مەخسۇس فوند ئاجرىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ 2026-يىلى ئاجرىتىدىغان خىراجىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تەيۋەنگە بېرىلىدىغان 2 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ۋە فىلىپپىنغا بېرىلىدىغان 100 مىليون دوللارلىق سىرتقى ھەربىي ياردەم خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قانۇن لايىھەسى 14-يانۋار ئاۋام پالاتاسىدا 341 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 79 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان. خىتاي ئىشلىرى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار ئاخبارات باياناتىدا: «بۇ قانۇن لايىھەسى تەيۋەنگە تېخىمۇ كۆپ قوللاش ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا مەبلەغ سېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش تارىخىي قارارىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن ۋە 2027-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشلارنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ جىددىي تۈردە تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيادىكى رەزىل قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 400 مىليون دوللارلىق «خىتاي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش فوندى» تەسىس قىلىش قارارى ئورۇن ئالغان. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ كېلەر ھەپتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 100 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2026 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق