
19-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى بىر خىتاي ئاشخانىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر خىتاي پۇقراسى ۋە ئالتە ئافغانىستان پۇقراسى ئۆلگەن، يەنە بىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش كابۇلنىڭ شەھرىنو رايونىدىكى خىتاي ئاشخانىسىدا يۈز بەرگەن. مەزكۇر ئاشخانا بىر جۈپ خىتاي ئەر-خوتۇن ۋە بىر ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئىكەن. خەۋەرلەردە ئۆلگەن خىتاي پۇقراسىنىڭ ئايۇپ ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي تەرەپمۇ بۇ خەۋەرنى دەلىللىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، كابۇلدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرىنى ئافغانىستانغا بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان پۇقرالارنى يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، ئادەملەر كۆپ يىغىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆپ بارماسلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلجەزىرە قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىشنىڭ ئافغان شۆبىسى ئۇزۇن ئۆتمەي مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.