
2025-يىلى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەت-كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سانى 400 مىڭغا يېقىن بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ رەقەملەر دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2025-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان شىركەت-كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەر 399 مىڭ 500 بولۇپ، 2024-يىلىدىكىدىن %12.05 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 51 مىڭ 500 ى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»دە ئىكەن.
خەۋەردە يەنە 2025-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك شىركەت-كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ جەمئىي 2 مىليون 768 مىڭ 100 گە يەتكەنلىكى، بۇلتۇر بولسا 2024-يىلىدىكىدىن %8.85 كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئىچى-سىرتىغا توشۇش لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىش نەتىجىسىدە، قاتناش-تىرانسپورت، پوچتا ساھەسىگە ئالاقىدار شىركەتلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك كانلارنى تۈركۈملەپ خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، كانچىلىق ساھەسىدىكى شىركەتلەر ئالاھىدە كۆپەيگەن.
خىتاي بۇ سان-سىپىرلارنى ئاتالمىش «تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياردەم قىلىش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا بۇ شىركەتلەرنىڭ قان بىلەن بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە، تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىدەك بىر رېئاللىق ئەندىشە قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ماقۇللاپ ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزىمۇ 2022-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن دىۋىزىيەلەرنىڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلانغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق زاۋۇت-كارخانىلار ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.
خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى پەقەت خىتاي ئىچىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى شىركەت-كارخانىلارغا چېتىشلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ۋاشىنگتونغا جايلاشقان تەتقىقات ئورگىنى سايارى 2020-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەلىرى»گە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېتىشلىق شىركەت-كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 862 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.