
خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پىلانى ئالدىنقى ھەپتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر كۈندە ئىككى راكېتا قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
17-يانۋار شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە 32-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى توشۇغان «چاڭجېڭ-3» ناملىق راكېتا، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «سېرېرا» ناملىق سودا خاراكتېرلىك توشۇغۇچى راكېتا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ھەر ئىككى راكېتانىڭ قويۇپ بېرىشتە مەغلۇپ بولغان بولۇپ، سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «چاڭجېڭ-3» ناملىق راكېتا 1996-يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىم مەشغۇلات قىلغان راكېتا ئىكەن. «سېرېرا» ناملىق راكېتا بولسا خىتاينىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئالەم قاتنىشى شىركىتىنىڭ راكېتاسى بولۇپ، بۇ قېتىملىقى ئۇنىڭ تۇنجى قويۇپ بېرىلىشى ئىكەن.
گەرچە بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ راكېتا قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان ئەھۋاللار نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىر كۈندە ئىككى راكېتادىن مەسىلە چىقىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن.