ياۋروپا ئىتتىپاقى خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي چەكلەشنى پىلانلىماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەشەببۇس قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قانۇنىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدىن خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ (ZTE) قاتارلىق خەتەرلىك تەمىنلىگۈچىلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاشقا مەجبۇرلاشنى پىلانلىماقتا.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىر يۈرۈش قانۇنىي رامكا تۇرغۇزۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەزا دۆلەتلەرنى «ئالاھىدە خەتەرلىك» دەپ قارالغان خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تور تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەكلەشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ پىلاندىكى مەقسەت مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرگە پەقەت بىخەتەرلىك تەۋسىيەسى سۇنۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش تورلىرىدا يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھەمكارلىق سۈرئىتىدىن نارازى بولغانلىقى ھەمدە خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنى 5G تورىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقىغا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەر بەك ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك، كەلگۈسىدە بۇ تەكلىپلەرنى مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مېخانىزمىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تور نازارەتچىلىرى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقارغۇچىلار ھەققىدىكى خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. ئەگەر بىرەر تەمىنلىگۈچى «ئالاھىدە خەتەرلىك» دەپ بېكىتىلسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۇنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. تىزىملىكتىكى تېخنىكىلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلمىغاندىن سىرت، مەۋجۇت ئۈسكۈنە-زاپچاسلارمۇ ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلىرىدە خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئاللىبۇرۇن «ئالاھىدە خەتەرلىك تەمىنلىگۈچىلەر» دەپ بېكىتىلىپ بولغان.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭغا ئوخشاش تېخنىكا شىركەتلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئالاقە، ئۇچۇر قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرنى مونوپول قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل كۈچلۈك ئەندىشە ۋە تەنقىدلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2026 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق