
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزى»نىڭ مۇدىرى خې جياۋلۇڭ ئالدىنقى ھەپتە سودا ئېلانى ئىشلەش جەريانىدا يارىلىنىپ ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى قەھرىمان سۈپىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خې جياۋلۇڭ خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتاي ئاققۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزى»نىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مال سېتىش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، ئات چاپتۇرۇپ ساياھەت تەشۋىقاتى سىنلىرىنى تارقاتقان. ئۇ 11-يانۋار بىر ئېلاننى سۈرەت ئېلىۋاتقاندا ئاتتىن يىقىلىپ يارىلىنىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەۋەر تورىغا ئوخشاش رەسمىي تەشۋىقات ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر خىتاينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بەس-بەستە ئالاھىدە خەۋەر قىلغان. بۇلاردىن سىرت يەنە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئۇنىڭ مەخسۇس ھەيكىلىنى تىكلەش قارارىنىڭ قاراپ چىقىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلگەن.
خې جياۋلۇڭ نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا ئالاھىدە كۈچەۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش»، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
خىتاي رېجىمى تارىختىن بېرى سۈنئىي قەھرىمان ياساپ چىقىپ، تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش تاكتىكىسىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ قېتىملىق تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭمۇ مەزكۇر تاكتىكىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.