تۈركىيە دائىرىلىرى Temu نىڭ ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئاختۇردى

تۈركىيە رىقابەت ئورگىنى 21-يانۋار خىتاي شىركىتى Temu نىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئاختۇرغان بولۇپ، شىركەت تەرەپ كومپيۇتېرلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

Temu نىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىۋاتقانلىقىنى، ئاختۇرۇش جەريانىدا ئىشخانىدىكى كومپيۇتېر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تۈركىيە رىقابەت ئورگىنىمۇ تۇيۇقسىز ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ Temu غا قارىتا رەسمىي تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى قەدەم-باسقۇچلار ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئورگان يەنە ئاختۇرۇش جەريانىدا كومپيۇتېرلارنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان Temu ۋە Shein قاتارلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا ئەرزان باھالىق ماللارنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، يەرلىك سانائەت ۋە سودا ساھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانماقتا.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا چەت ئەلدىن كېلىدىغان 30 ياۋرودىن تۆۋەن زاكازلاردىن تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، Temu، Shein ۋە Alibaba قاتارلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەڭ زور تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. مەزكۇر يېڭى نىزام ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي Temu نىڭ تۈركىيەدىكى ئىشخانىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئاختۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 149 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2026 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق