ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئەيىبلىدى

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر ۋە تىبەتتىكى تىبەت خەلقىگە قارىتىلغان خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان، ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىزىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ياكى قۇل قىلىشقا باراۋەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنىڭ ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق نازارەت، كونترول ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرايدىغانلىقى، جازا ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن ئەمگەكنى رەت قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش ئىختىيارلىقى يوق ئىكەنلىكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بەش يىللىق پىلانىدا 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 13 مىليون 750 مىڭ قېتىم ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنى نىشان قىلغانلىقى، ھەقىقىي ساننىڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە تىبەتلەرنىڭمۇ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، 2024-يىلى ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تىبەتلەرنىڭ سانىنىڭ 650 مىڭغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، «پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈرۈش» پىروگراممىسى ئارقىلىق يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار باشلىق تۈرك مىللەتلىرىنىڭ، تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە ۋاسىتىلىك كىرىۋاتقان مەھسۇلاتلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە خىتايدىن مال سېتىۋالىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا چاقىرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئىزچىل قوغداپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قورالى ۋە شېرىكىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى.

 

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2026 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق