ئەنگلىيە خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا سېلىشىنى تەستىقلىدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ لوندوندا غايەت زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىش پىلانىنى تەستىقلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا، نارازىلىق قوزغىدى.

BBC نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنى شەرتلىك ھالدا تەستىقلىغان. بۇ خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ لوندون مۇنارىغا يېقىن جايدا 2.23 گېكتار كۆلەمدىكى غايەت زور ئەلچىخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش پۈتسە، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسى بولۇپ قالىدىكەن. پىلاندىكى ئەلچىخانا ئورنىدا ئىلگىرى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ  پۇل قۇيۇش زاۋۇتى بار بولۇپ، خىتاي 2018-يىلى بۇ جاينى سېتىۋالغان.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ لوندوندا غايەت زور ئەلچىخانا قۇرۇش پىلانىغا قارشى كۆپ قېتىم زور كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەنىدى. تەنقىد قىلغۇچىلار خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەگە دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەنگلىيەدە ياشايدىغان چەت ئەللىكلەرگە نىسبەتەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ پىلاننى توختىتىشقا چاقىرغانىدى. خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ، دىپلوماتىك خادىملىرىنىڭ چەت ئەلدىكى باستۇرۇشتا، نازارەت قىلىشتا قولى بارلىقى كۆپلەپ ئاشكارىلانغانلىقتىن، قارشى چىققۇچىلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھەققىدە ئەنگلىيە دائىرىلىرىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بۇ خەۋەر 129 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2026 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق