
ئاقساراي ئامېرىكىنىڭ 22-يانۋار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي بۇ قارارنىڭ پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ بۇلتۇر 20-يانۋار ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەۋەبىنىڭ بولسا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى، شۇنداقلا ئىسلاھات، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئاشكارىلىقنىڭ ئىزچىل كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى روبېرت كېنىدى 22-يانۋار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ «ئۇنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى»دىن قۇتۇلغانلىقىنى، مەزكۇر ئورگانغا قارىتا بارلىق فوند ۋە ئادەم كۈچى قوللىشىنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق بۇرچىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قايتا-قايتا سادىر قىلغانلىقى، گەرچە ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلىتى ۋە ئەڭ چوڭ فوند تەمىنلىگۈچىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدىكى سىياسىيلاشقان ۋە بىيۇروكراتلاشقان كۈنتەرتىپلەرنى يولغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ قارارنى تەنقىد قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا رەھبەرلىك ئورنىدىن ۋاز كەچسە ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقسا، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.