
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ يېقىندا خىتاي بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان كانادا ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ، ئەگەر كانادا خىتاي بىلەن رەسمىي كېلىشىم تۈزسە، كاناداغا %100 تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تىرامپ 24-يانۋار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كانادا باش مىنىستىرىنى «ۋالىي» دەپ ئاتاپ: «ئەگەر ۋالىي كارنىي كانادانى خىتاي ماللىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا توشۇيدىغان يۆتكەپ توشۇش پورتىغا ئايلاندۇرىمەن دەپ قارىغان بولسا، قاتتىق خاتالاشقان بولىدۇ» دېدى.
ئۇ كېيىن يوللىغان يەنە بىر ئۇچۇرىدا: «دۇنياغا ئەڭ كېرەك بولمىغان ئىش دەل خىتاينىڭ كانادانى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدۇر. بۇ قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ، ھەتتا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى. ھالبۇكى، تىرامپ ئالدىنقى ھەپتە كانادا بىلەن خىتاينىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ياخشى ئىش دەپ سۈپەتلىگەنىدى.
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي ئەتىسى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، كانادانىڭ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارنىي كانادانىڭ «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى»گە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ۋە بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە تەۋە بولمىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش پىلانى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ يېڭى بىر ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى قوزغىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆتكەن ئىككى يىلدا كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي 16-يانۋار بېيجىڭغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ كانادا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە 50 مىڭغا يېقىن خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ئېتىبار باھادا كاناداغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.