جازا تىزىملىكىدىكى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي تۈركىستاندا ئالاھىدە تەجرىبىخانا قۇردى

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان «كوئېنلون ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىسى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ۋە كېڭەشنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى 20-يانۋار ئاقسۇدا ئېچىلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بۇلتۇر 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «كوئېنلون ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىسى» قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە تەجرىبىخانا پۈتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈنبېڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆمەك باشلاپ شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. ئۇ كېيىنكى قەدەمدە ئادەمسىز سىستېما، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش تېخنىكىسى، ئېنېرگىيەنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېزىش، ئىلغار ماتېرىيال ۋە روبوت قاتارلىق تۆت چوڭ يۆنىلىش ئاساسىدا تەتقىقات باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالاقىدار خەۋەردىن مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تالان-تاراج قىلىنغان تەبىئىي بايلىقلىرىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە ۋە تېز سۈرئەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش ۋاسىتىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ۋاڭ يۈنبېڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆمۈر بايلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك توشۇش، تۆۋەن بوشلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئاۋىياتسىيە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئورگانلىرىدىن بىرى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى يەتتە نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى 2001-يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە تاشقى سىياسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان خىتاي ئورگانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. كانادا ھۆكۈمىتىمۇ 2024-يىلى يانۋار ئېيىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارالغان خىتاينىڭ شىركەت، ئورگانلىرى قاتارىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا خىتاينىڭ بارلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت-ئىنستىتۇتلىرى چىراي تونۇش، سۈنئىي ئەقىل، گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قاتارلىق تۈرلۈك تېخنىكىلار، ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر ئاقسۇدا قۇرۇلغان «كوئېنلون ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىسى»نىڭمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھەسسە قوشىدىغان ئورگانلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 126 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2026 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق