شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى كۆزدىن يوقىتىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-يانۋار خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى گېنېرال دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى جاڭ يوۋشيانىڭ «ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى جاڭ يوۋشيا مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللىرى بىلەن شى جىنپىڭدىن قالسىلا ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس دەپ قارالغاندىن سىرت، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى.

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خۇسۇسەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى «تازىلىغان» بولسىمۇ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار جاڭ يوۋشيانىڭ «تازىلىنىشى»نىڭ ھەممىدىن ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

جاڭ يوۋشيا بىلەن بىر ۋاقىتتا يىقىتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار خىتاي ئارمىيەسى بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ باشلىقى ليۇ جېنلى بولۇپ، ئۇمۇ خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى بۇ جىددىي ۋەزىيەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇ ھەقتە تۈرلۈك پەرەزلەر، ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ ئانالىزىدا جاڭ يوۋشيانىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ساناقلىق ھەربىي ئەمەلدارلاردىن بىرى ئىكەنلىكى،  شى جىنپىڭدىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ۋال كوچىسى گېزىتى بولسا جاڭ يوۋشيانىڭ ئۆز ئەتراپىغا گۇرۇھ توپلاش، زور مىقداردا پارا ئېلىش، مەلۇم ئەمەلدارنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىنى قوللاش، ئەڭ ئېغىرى خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكا ئۇچۇرىنى ئامېرىكىغا تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى بېكىتىلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، كومىتېت رەئىسى شى جىنپىڭدىن باشقا پەقەت جاڭ شېڭمىنلا قېلىپ قالغان بولۇپ، قالغان بەش ئەزانىڭ ھەممىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ كۆزدىن يوقىتىلغان.

بۇ خەۋەر 135 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2026 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق