
ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى (مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) 23-يانۋار 2026-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلدى. يېڭى ئىستراتېگىيەدە خىتاي «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» دەپ قارالمىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن قارشىلاشمايدىغانلىقى، ئەمما خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 34 بەتلىك يېڭى ئىستراتېگىيە ھۆججىتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسىمىدا خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستراتېگىيەسى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر نۇقتا بولغان تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.
ھۆججەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن قارشىلىشىشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقى، ئەمما چوقۇم خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى توسىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەققىدىكى بايانلاردا، گەرچە خىتاي ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىقتىساد، نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكىتلەنگەن.
بۇ ئىستراتېگىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئېلان قىلىنغان دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن. بەش بۇرجەكلىك بىنا 2018-يىلى ئېلان قىلغان «دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى»دە، خىتاي «ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قارىلىپ، ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىش قاتارىغا قويۇلغانىدى.