
خىتاي-ياپونىيە دىپلوماتىك كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى يەنە تەيۋەن ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئەگەر ياپونىيە تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللانمىسا، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاكائىچى 26-يانۋار بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى تەيۋەن كىرىزىسى جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ۋە ياپونىيە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىسا، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ياپونىيە ھېچ ئىش قىلماي، پەقەت قېچىشنىلا بىلسە، ئۇ ھالدا ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقى يىمىرىلىدۇ» دېدى.
ئۇ ياپونىيەنىڭ خىتايغا ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي ھۇجۇم قوزغىمايدىغانلىقىنى، ئەمما چوقۇم مەۋجۇت قانۇنىي رامكا ئاساسىدا، ۋەزىيەتكە كۆرە زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە جىددىي ئەھۋالدا تەيۋەندىكى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.
تاكائىچى بۇلتۇر 11-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەيۋەنگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ياپونىيەگە ھايات-ماماتلىق خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ بايانلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيەنىڭ مەيلى تارىخىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى قانۇنىي نۇقتىدىن بولسۇن، تەيۋەن ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكى، ياپونىيەنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا، ئالاقىدار ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.