
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېيىر سىتارمېر 28-يانۋار خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن خىتاي خەلق سارىيىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
BBC نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ پەرقلەردىن ھالقىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلسىلا، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. سىتارمېر بولسا ئېچىلىش سۆزىدە ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە پۇختا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان.
سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بارغان باش ۋەزىر سىتارمېر بېيجىڭ ۋە شاڭخەينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيە ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار زىيارەتتىن ئىلگىرى ئۇنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
سىتارمېرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى يەنە ئەنگلىيە-خىتاي سودا پاسسىپ بالانسى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە روياپقا چىققان. ئەنگلىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىنىڭ 2-پەسلىدە ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىر يىللىق سودا پاسسىپ بالانسى 42 مىليارد فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 57.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان.
يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغان يەنە بىر دۆلەت رەھبىرى بولسا كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بولۇپ، ئۇ 16-يانۋار بېيجىڭغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى ۋە خىتاينىڭ كانادا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە 50 مىڭغا يېقىن خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ئېتىبار باھادا كاناداغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تەھدىت سېلىپ، ئەگەر كانادا خىتاي بىلەن رەسمىي كېلىشىم تۈزسە، كاناداغا %100 تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. كارنىي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كانادانىڭ «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى»گە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش پىلانى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەنىدى.