ماركو رۇبىيو: خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى نىشانى ئۆزگەرمەيدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 28-يانۋار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىغىندا بىر پارلامېنت ئەزاسى ماركو رۇبىيودىن بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى ياكى غەرىزىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «مادۇرونى تۇتۇش ھەرىكىتى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى سورىغان.

رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋابەن: «خىتاينىڭ ‹تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش› نىشانى ھەرقانداق خەلقئارالىق ۋەقە سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر چىقىرىشى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق» دېگەن ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «تارىخىي بۇرچى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇبىيو يەنە يېقىندا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار جاڭ يوۋشيا ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي رېجىمى بىر نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىمنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ ئورتاقلاشمىغانلىقىنى ۋە مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكا دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 155 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2026 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق