گۇگىلنىڭ سابىق خىتاي خىزمەتچىسىنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى بېكىتىلدى

ئىلگىرى گۇگىل شىركىتىدە يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، بېيجىڭدىكى بىر ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئىشلەتكەن بىر خىتاينىڭ جىنايىتى رەسمىي بېكىتىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دىڭ لىنۋېي ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېر 2019-يىلىنىڭ بېشىدا گۇگىلغا خىزمەتكە كىرگەن بولۇپ، 2024-يىلى 1-ئايدا تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەن. ئۇ خىزمەت جەريانىدا گۇگىلنىڭ سۈنئىي ئەقىل دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئاسراش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان.

تەپتىش تەرەپ تاپشۇرغان ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر خىتاي 2022-يىلى ۋە 2023-يىللىرى ئارىسىدا شىركەتنىڭ 2000 بەتتىن ئارتۇق مەخپىي ماتېرىيالىنى ئوغرىلىغان. ئۇ بۇ ھۆججەتلەرنى گۇگىلنىڭ ئىچكى تورىدىن چۈشۈرۈپ، شەخسىي گۇگىل بۇلۇت ھېسابىغا يوللىغان. ئارقىدىن ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلارغا گۇگىلنىڭ تېخنىكىلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان سۈنئىي ئەقىل ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تونۇشتۇرۇپ، مەبلەغ توپلاشقا ئۇرۇنغان.

سان فىرانسىسكو فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ 12 كىشىلىك زاسېداتېل ھەيئىتى دىڭ لىنۋېينى يەتتە تۈرلۈك سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە يەتتە تۈرلۈك ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ بېكىتكەن.

مەزكۇر خىتاي ھەر بىر سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 يىل، ھەر بىر ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى، ئىلغار تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ئىزچىل دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىكى رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى سەزگۈرلۈكىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا ۋە بىر قىسىم جاسۇسلار ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى پاش قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2026 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق