
بۇ ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېيىر سىتارمېر خىتاي رېجىمىنىڭ يەتتە نەپەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئۇلارغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.
باش ۋەزىر سىتارمېر 29-يانۋار بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جازا تىزىملىكىدىكى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەسىلىسىنى شى جىنپىڭغا ئېيتقانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ بولسا ئۇلارنىڭ ئەمدى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 2021-يىلى مارت ئېيىدا ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخسكە ۋە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە ئېسسېكىس ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.
بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ ۋە سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئەنگلىيەگە زىيارەتكە بارغان مەزگىلدە، خىتاينىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالغانىدى.
سىتارمېرنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئەنگلىيەدە تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئۆكتىچى پارتىيە ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار زىيارەتتىن ئىلگىرى ئۇنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىرغانىدى.