ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان چوڭ يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىنكى تەستىقلانغان دوكلاتتا خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ۋە 2025-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە 2026-يىللىق پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەستىقلانغان دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە بۇيرۇقلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىش قاتارلىق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي بۇلتۇر ئىيۇل ئېيىدا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى بولۇپ كەلگەن ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭنى ئالماشتۇرغان. ئۇ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئېچىلغان تۈرلۈك يىغىنلار، ئېلان قىلىنغان قارارلار، تەشۋىقاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2026 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق