
2025-يىلى خىتايدا «چىرىكلىك» ۋە «سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزۈش» نامى بىلەن تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ رەقەم ئىككى يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %60 ئاشقان بولۇپ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2012-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. (The Economist)