خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشلار كۈچەيمەكتە

ياۋروپا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى 2-فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشيا تەمىناتىدا يەنىلا خىتاي قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەرگە، خۇسۇسەن خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقىنى، ئىمپورتقا بېقىنىشنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشنىڭ چەكلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دوكلاتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىشتە، تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە زور دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھالقىلىق خام ماتېرىياللارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلى بۇ ھەقتە بىر قانۇن ماقۇللاپ، 26 خىل ھالقىلىق قېزىلما بايلىقنىڭ تەمىنات بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، 2030-يىلىدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خام ماتېرىياللارنىڭ مۇقىم تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى يەنىلا تەس ئىكەن. ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىمۇ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ساھەسىدە خىتايغا بېقىنىشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئىستراتېگىيەلىك ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلارنى زاپاس ساقلاش پىلانىنى قوزغىتىشقا تەييارلانماقتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پىلان ئامېرىكا ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىنىڭ 12 مىليارد دوللارلىق قوزغىتىش مەبلىغىگە ئېرىشىدىكەن. بۇ مەبلەغ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىنى مونوپول قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «خەزىنە پىلانى» دەپ ئاتالغان بۇ تۈردە خۇسۇسىي مەبلەغلەر بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى تەمىنلىگەن 10 مىليارد دوللارلىق قەرز بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ قېزىلما بايلىق مەنبەلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە زاپاس ساقلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىيرەك توپا مەنبەسى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنى مونوپول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم چۈشۈرىدىغان، تەھدىت سالىدىغان كوزىر سۈپىتىدە قوللىنىشى سەۋەبلىك، ھەرقايسى دۆلەتلەر سىيرەك توپا ساھەسىدە تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا، خىتايغا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا.

بۇ خەۋەر 99 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2026 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق