
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X نىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى خىتاينىڭ مەزكۇر سۇپىغا زور مىقداردا شەھۋانىي مەزمۇنلارنى «تۆكمە قىلىپ»، ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى كۆمۈۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
تېلېگراف گېزىتىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئېلون ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X نىڭ مەھسۇلات دېرىكتورى نىكىتا بىيېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي رېجىمىنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتايدا ھەر قېتىم سىياسىي داۋالغۇش بولغاندا، خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، X نىڭ ئىزدەش نەتىجىلىرىگە زور مىقداردا سېرىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەل قىلىش تەس بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەمما X سۇپىسىنىڭ بۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تۆكمە قىلىش ھەرىكىتى غايەت زور كۆلەمدە بولۇپ، نىكىتا بىيېر بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسىنىڭ 5 مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولغان ھېسابلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى، مەزكۇر ھېسابلارنىڭ X سۇپىسى يېڭى تىزىملاتقان ھېسابلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن قۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئىلگىرى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىمۇ تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالغانىدى. جۈملىدىن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي ياللانما تور قوشۇنىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» (#GenocideGames) دېگەن ھەشتەگنى پۈتۈنلەي ئالاقىسىز، ئەھمىيەتسىز ئۇچۇرلار بىلەن قوشۇپ تارقىتىش ئارقىلىق، مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆمۈپ قويغانلىقى، نەتىجىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى»غا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىزدىگەنلەرنىڭ كۆپىنچە مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارغا ئېرىشىدىغانلىقى، مەزكۇر تاكتىكىنىڭ «ھەشتەگ كەلكۈنى» دەپ تونۇلغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن پاش قىلىنغانىدى.