يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەت بايان قىلىندى

خەلقئارالىق ئورگان «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 2026-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ تۈرلۈك دەپسەندىچىلىكلىرىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر يىللىق دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا بىر قاتار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى «ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق»قا باغلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى جازالاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى «تارىخىي دوكلاتى»غا ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى داۋاملىق رەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىگە قارشى سۆز قىلغۇچىلارنى پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە يەنە بىر تۈركۈم ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز كۈلتۈرىنى ئىپادىلىشىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، 2022-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىنتايىن چەكلىمىلىك تەرىقىدە زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، يەنە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىمىلىك شەرتلەر ئاستىدا چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،  خىتاينىڭ دۆلەت قوللىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئاپتوموبىل، كىيىم-كېچەك ۋە ھالقىلىق مىنېراللار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدا تىبەت، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا داۋاملاشتۇرغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنى، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش جىنايەتلىرى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 64 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2026 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق